خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى

1 بىز ھەققىدە

«خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» ئەپى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا ۋە ئىقتىدارلار (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بۇ مۇلازىمەت» دېيىلىدۇ) نى خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يۈرۈتىدۇ. خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دېيىلىدۇ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي ئىناۋەت ۋاكالەت نومۇرى 913201147770231720، تىزىملاش ئادرېسى: نەنجىڭ شەھىرى يۈ خۇا تەي رايونى يۇمشاق دېتال يولى 101-نومۇر. بۇ كېلىشىم (ئېنىقلىمىسى تۆۋەندە) دىكى «سىز» ۋە «ئىشلەتكۈچى» ھەرقانداق بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋە/ياكى زىيارەت قىلغان شەخسنى كۆرسىتىدۇ.

2 كېلىشىمنىڭ مۇددىئاسى

بۇ ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى، «مۇلازىمەت شەرتلىرى» («بۇلۇت بوشلۇقى» دىكى «تەڭشەش» > «مۇلازىمەت شەرتلىرى» گە كىرىپ بۇ مۇلازىمەتكە ئالاقىدار شەخسىي مەخپىيەتلىك ئۇقتۇرۇشى باياناتنى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ) ۋە بۇ مۇلازىمەت ئېلان قىلغان ياكى تەمىنلىگەن باشقا سىياسەت ۋە ئۇچۇرلار(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بۇ مۇلازىمەت» دېيىلىدۇ) سىز ئۈچۈن تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ھەمدە زىيارەت قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان ماددىلار ۋە شەرتلەر. بۇ كېلىشىم ئارقىلىق سىز خۇاۋېينى، خۇاۋېي تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ شەكلىنى، خۇاۋېينىڭ بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكۈچىلىرىگە بولغان ئۈمىدىنى، بۇ مۇلازىمەت ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلىرىدە يول قويۇلغان ۋە چەكلەنگەن پائالىيەتلەرنى، تەدبىر ھەمدە باشقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى چۈشىنىۋالالايسىز.

3 بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش

بۇ كېلىشىمنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ. بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتسىڭىز ياكى زىيارەت قىلسىڭىز، سىزنى خۇاۋېي بىلەن قانۇنىي چەكلەش كۈچى بار كېلىشم تۈزدى ۋە بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلدى دەپ قارىلىدۇ. بۇ كېلىشىمنى قوبۇل قىلمىسىڭىز ياكى قوشۇلمىسىڭىز، بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلماڭ ياكى ئىشلەتمەڭ. ناۋادا بۇ كېلىشىم ياكى بۇ مۇلازىمەت ئېلان قىلغان ياكى تەمىنلىگەن باشقا تۈزۈم ياكى ئۇچۇرغا قارىتا ھەرقانداق سوئالىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

4 ئىشلىتىش سالاھىيىتى

سىز 18 ياشقا توشقاندىلا ئاندىن بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلسىڭىز ۋە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز 18ياشقا كىرمىسىڭىز لېكىن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ھامىيىڭىز سىز بىلەن بىرگە بۇ كېلىشىمنى ئوقۇپ چىقىپ قوشۇلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز ئاتا-ئانىڭىز ياكى قانۇنىي ھامىيىڭىزنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىمىز. سىز چوقۇم تۇرۇشلۇق ئەدلىيە باشقۇرۇش رايون ۋە بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ياكى ئىشلەتكەندە تۇرۇشلۇق ئەدلىيە باشقۇرۇش رايونىنىڭ بارلىق قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشىڭىز كېرەك.

5 بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش

خۇاۋېي بەرگەن كېلىشىم بويىچە بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش چەكلىك بولۇپ، مۇستەقىل بولۇشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئەمما ئىجازەتنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ.

سىز بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق تەييارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل، بۇلار ھەق تۆلەش ئۇسۇلى، ماسلىشىشچان ئۈسكۈنە، تىزگىنلەش تاختىسى ياكى سۇپىسى ۋە تور ئۇلىنىشى بىلەن تەمىنلەشنى ئىچىگە ئالىدۇ. ماسلىشىشچان ئۈسكۈنىڭىز، تىزگىن سۇپىسى ياكى سۇپا ھەمدە تور ئۇلىنىشى ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلغان بارلىق ئىشلەتكۈچىگە بۇ كېلىشىمنى بىلدۈرۈشىڭىز ھەمدە ھەممەيلەن كېلىشىمگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

سىزدە خۇاۋېي ھېساباتى بار بولغاندا، ئاندىن بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلالايسىز ياكى ئىشلىتەلەيسىز. خۇاۋېي ھېسابى «خۇاۋېي ئەپ بازىرى» ((HUAWEI AppGallery، «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» ((HUAWEI Cloud، روڭياۋ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تور بېكىتى ((HiHonor، «خۇاۋېي تېمىسى» (HUAWEI Themes)، «خۇاۋېي ئىجادچىلار بىرلەشمىسى» (HUAWEI Developer)، «خۇاۋېي سىنلىرى» ۋە باشقا خۇاۋېي كۆچمە مۇلازىمىتىنى ئىچىگە ئالغان بارلىق خۇاۋېي مۇلازىمىتىنى زىيارەت قىلىشتىكى بىردىنبىر ئىشلەتكۈچى ھېساباتى.

6 بۇ مۇلازىمەت

بۇ مۇلازىمەتنى خۇاۋېي ھېسابىغا كىرىپ قوزغىتىش كېرەك، مۇلازىمەت قوزغالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ:

• بۇلۇت ماسقەدەملەش (سۈرەت ئامبىرى، ئالاقىلەشكۈچى، كالېندار، كۈندىلىك خاتىرە، WLAN تەڭشىكى، تور كۆرگۈچ خەتكۈچى قاتارلىقلار)

• بۇلۇت زاپاسلىما

• كۆپرەك ئەپ مەلۇماتى

• بۇلۇت دېسكىسى

• يانفونۇمنى ئىزدەش

ۋە باشقا مۇلازىمەتلەر. يەنە «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» نى ئىشلىتىپ بۇلۇت بوشلۇقىنى كېڭەيتەلەيسىز.

مەلۇمات ۋە ھۆججىتىڭىز ئۆزلۈكىدىن «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» غا يوللىنىپ ساقلىنىدۇ، مەسىلەن ئالاقىلەشكۈچى، ئۇچۇر، رەسىم، سىن، سۆزلىشىش خاتىرىسى، كۈندىلىك خاتىرە، ئاۋاز ئېلىش، كالېندار پائالىيىتى، توسۇش تىزىملىكى ھەمدە تەڭشەك، WLAN تەڭشىكى ۋە باشقا ئەپ مەلۇماتلىرى. بۇلۇت بوشلۇقى بېتىدە يۇقىرىدىكى ئىقتىدارلارنى ئېچىپ ياپالايسىز، ياكى «خۇاۋېي ھېسابى» دىن چېكىنىش ئارقىلىق بارلىق «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» مۇلازىمىتىنى ياپسىڭىز بولىدۇ. لېكىن «بۇلۇت بوشلۇقى» نى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىقتىدارلار ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىدۇ.

بۇ مۇلازىمەت تۆۋەندىكى ئىقتىدارلارنى ئۆ ئىچىگە ئالىدۇ:

بۇلۇت ماسقەدەملەش

سىز «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» نى ئىشلىتىش ئارقىلىق سۈرەت ئامبىرى، ئالاقىلەشكۈچى، كالېندار، كۈندىلىك خاتىرە، WLAN تەڭشىكى ۋە تور كۆرگۈچ خەتكۈچى ۋە مۇشتەرى بولغان قانال(دىققەت: تېڭشۈن ۋە UC تېخنىكىلىق قوللىغان نەشرى مۇشتەرى بولغان قاناللارنى ماسقەدەملەش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ)نى ئۆزلۈكىدىن مۇلازىمىتېر ياكى باشقا كىرگەن خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىڭىزگە ماسقەدەملىيەلەيسىز.خۇاۋېي ئۈسكۈنىڭىز ياكى «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» ڭىزدىكى مەلۇماتلاردىكى ھەر قانداق ئۆزگىرىشلەر ماسقەدەملىنىپ، خۇاۋېي ئۈسكۈنىسىدىكى مەلۇماتلار بىلەن «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» دىكى مەلۇماتلارنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» دىن ئۆزلۈكىدىن ماسقەدەملىنىدىغان ئەپلەرنى تاللاش ئارقىلىق بۇ ئەپ مەلۇماتلىرىنى ئۆزلۈكىدىن يۈكلەش ۋە ماسقەدەملەشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ.

بۇلۇت زاپاسلىما

ھەرقانداق خۇاۋېي ئۈسكۈنىسىدىن بۇ مەلۇماتنى زىيارەت قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن «بۇلۇت زاپاسلىما»نى ئىشلىتىپ يانفون ۋە باشقا خۇاۋېي ئۈسكۈنىڭىزدىكى مەلۇماتلارنى بۇلۇت بوشلۇقىغا زاپاسلىيالايسىز. خۇاۋېي ئۈسكۈنىڭىزنىڭ ئېكرانى قۇلۇپلاقلىق ھالەتتە، توك مەنبەسىگە ۋە سىمسىز تورغا ئۇلىغاندا، «بۇلۇت زاپاسلىما» قەرەللىك ئۆزلۈكىدىن ئۈسكۈنىڭىزگە زاپاسلىما قۇرىدۇ. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتنى ئاچقان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى مەلۇماتلار چوقۇم توپلىنىپ بۇلۇت بوشلۇقىغا زاپاسلىنىدۇ: سۈرەت ئامبىرى، ئالاقىلەشكۈچى، ئۇچۇر، سۆزلىشىش خاتىرىسى، كۈندىلىك خاتىرە، ئاۋاز ئېلىش، تەڭشەك، ھاۋارايى ئۇچۇرى، سائەت ئۇچۇرى، كامېرا مەلۇماتى، كىرگۈزگۈچ تەڭشىكى، تور كۆرگۈچ مەلۇماتى، يانفون باشقۇرۇش مەلۇماتى، WLAN تەڭشىكى، ئۈستەليۈزى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئەپ. ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ مەلۇماتلىرى زاپاسلانمايدۇ. خالىغان ۋاقىتتا بۇ ئەپتىن «بۇلۇت زاپاسلىما» نى ئىشلىتىشنى چەكلەش ئارقىلىق مەلۇمات يۈكلەشنى توختىتالايسىز. ئەگەر خۇاۋېي ئۈسكۈنىڭىز 180كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتا ھەر قانداق مەلۇماتنى «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» غا زاپاسلىمىسا، خۇاۋېي بۇ ئۈسكۈنىگە ئالاقىدار ھەر قانداق زاپاسنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە ھوقۇقلۇق.

كۆپرەك ئەپ مەلۇماتى

كۆپرەك ئەمەلىي مەلۇماتىنى تاللاش ئىقتىدارىدا ئۇچۇر، سۆزلىشىش، ئۈنئالغۇ، پاراكەندىچىلىكنى توسۇش مەلۇماتلىرىنى ئۆزلىكىدىن يۈكلەش ئىقتىدارىنى ئاچسىڭىز بولىدۇ. ئېھتىياجلىق بولغاندا يەرلىككە يەنە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشىڭىزگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئۈسكۈنىڭىزدىكى يەرلىك يېڭىدىن كۆپەيگەن مەلۇماتلارنىڭ سانى ئاشقاندا، خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقىغا ئۆزلۈكىدىن يۈكلىنىدۇ.

بۇلۇت دىسكىسى

«خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» قوزغىتىلغاندىن كېيىن، «بۇلۇت دىسكىسى» مۇ قوزغىلىدۇ. بۇ ھۆججەتلەرنى ھەر قانداق خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىدە زىيارەت قىلىش ياكى چۈشۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، «ھۆججەت باشقۇرۇش» > «بۇلۇت دىسكىسى» قا كىرىپ، يەرلىك ھۆججەتلەرنى «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» مۇلازىمىتېرىدا ساقلىسىڭىز بولىدۇ.قولدا ھۆججەتنى «بۇلۇت دىسكىسى» غا يۈكلىشىڭىز كېرەك.

يانفونومنى ئىزدەش

«خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» غا كىرسىڭىز «يانفونۇمنى ئىزدەش» ئىقتىدارى ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىدۇ. ئىقتىدار ئېچىلغاندىن كېيىن، سىز بۇ ئۈسكۈنىدە ئورۇن بەلگىلەش، قوڭغۇراق، مەلۇماتلارنى قۇلۇپلاش ۋە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايسىز، ھەمدە ئۈسكۈنىدە خۇاۋېي ھېسابىڭىز ۋە مەخپىي نومۇر يوق ئەھۋالدا ئۆچۈرۈلۈش ياكى قايتىدىن قوزغىتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. سىز خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇق تور بېكىتى (cloud.huawei.com) نى زىيارەت قىلالايسىز ياكى باشقا خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق «يانفونومنى ئىزدەش» ئەپىگە كىرىپ، ئۈسكۈنىگە قارىتا ئورۇن بەلگىلەش، مۇزىكا، قۇلۇپلاش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بارالايسىز.

ئەگەر سىز خۇاۋېي ھېسابىنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» دىكى مەلۇماتلىرىڭىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆچۈرۈلىدۇ.

7 سېتىۋېلىش

«خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» ھېساباتىغا تىزىملاتقاندا، ئۆزلۈكىدىن 5G ساقلاش بوشلۇقىغا ئېرىشىسىز.ئەگەر سىز تېخىمۇ كۆپ بوشلۇققا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، خۇاۋېي ئۈسكۈنىسىدە ئارتۇقچە قەرەللىك (مەسىلەن بىر ئاي ياكى بىر يىل) ساقلاش بوشلۇقى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، يەنە خۇاۋېي سېتىۋاتقان ساقلاش بوشلۇقى يۈرۈشلۈكىدىن ئارتۇقچە ساقلاش بوشلۇقى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بارلىق سېتىۋېلىش «خۇاۋېي ئەپى ئىچىدىن چىقىم قىلىش»ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

سېتىۋېلىش تاماملانغاندىن كېيىن، سىز يېڭى ساقلاش بوشلۇقى يۈرۈشلۈكىگە دەرىجىسىنى ئۆستۈرسىڭىز بولىدۇ. ھازىرقى يۈرۈشلۈكنىڭ قالغان ئۈنۈملۈك ۋاقتى يېڭى يۈرۈشلۈكنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. دىققەت: «سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» تىن بەھرىمەن بولۇشتىن باشقا، سېتىۋالغان ساقلاش بوشلۇقىنى كېمەيتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولمايدۇ.

سىز ساقلاش يۈرۈشلۈكى ياكى «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» نىڭ باشقا مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي باھاسى تۆۋەندىكى بىر قانچە قىسىملارنى ئىچىگە ئالىدۇ: (1) بۇ مۇلازىمەت ياكى نەشرى ئۆستۈرۈلگەندىكى باھا؛(2) ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۆلەشكە تېگىشلىك ھەر قانداق ئىناۋەتلىك كارتا رەسمىيەت ھەققى؛ (3) ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن ھەمدە سېتىۋالغاندا ئۇيغۇن كېلىدىغان باج نىسبىتىدىن تۆلەشكە تېگىشلىك ھەر قانداق سېتىش بېجى، ئىشلىتىش بېجى، سودا ۋە مۇلازىمەت بېجى، قوشۇلما قىممەت بېجى ياكى باشقا تۈردىكى باجلار.ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەنلىرىدىن باشقا ئەھۋالدا (شۇ جايدىكى قانۇن يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا) خۇاۋېي تور بېكىتىدە كۆرسىتىلگەن بارلىق باھالار قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئىچىگە ئالىدۇ.

خۇاۋېينىڭ بۇ مۇلازىمەتنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى خالىغان ۋاقىتتا تەڭشەش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېنىق قوبۇل قىلىپ قوشۇلدىڭىز. يېڭى باھا كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن يېڭى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سېتىۋالغاندا يېڭى باھانى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يېڭى باھانى قوبۇل قىلمىسىڭىز، سىزنىڭ يېڭى باھا بويىچە مۇلازىمەت يۈرۈشلۈكىنى سېتىۋېلىش ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ.

زاكاز تالوننى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇقتۇرۇشنى جەزملەشتۈرگەن كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە ھېچقانداق سەۋەبسىز سېتىۋېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئادا قىلىشىمىزغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن سىز يۇقىرىدا ئېيتىلغان 15 كۈن مۇددەت ئىچىدە زاكاز تالوننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سېتىۋېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولسىڭىز، جەزملەش تورخېتىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى ئارقىلىق خۇاۋېي خېرىدارلار مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىڭ ياكى hwcloud@huawei.com غا ئۇچۇر ئېۋەتىپ بىزنى خەۋەرلەندۈرۈڭ. ئەمەلدىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى تەمىنلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، بىز سىزنىڭ ساقلاش بوشلۇقىڭىزنى بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىمىز، ھەمدە زاكاز تالوننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 14 كۈن ئىچىدە سېتىۋالغاندىكى پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىمىز.بۇ مەزگىلدە، ئەگەر سىزنىڭ بوشلۇقىڭىز 5 GB دىن ئېشىپ كەتسە، سىز تېخىمۇ كۆپ بۇلۇت ساقلاش بوشلۇقى قويۇپ بېرىشىڭىز ياكى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ھەرقانداق بۇلۇت زاپاسلىغىلى ياكى بەزى ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. تەرەپلەر ئايرىم پۈتۈشمىسە بىز سىزنىڭ دەسلەپكى زاكاز تالونىڭىزدىكى چىقىم قىلىش ئۇسۇلىڭىزغا ئاساسەن پۇل قايتۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىمىز.

8 ھېسابات ۋە سودىلىشىش بىخەتەرلىكى

سىز ئۆزىڭىزنىڭ «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» ھېساب نومۇرىڭىز ھەمدە خۇاۋېي ھېساب ئىشلەتكۈچى نامى ۋە مەخپىي نومۇرنى ياخشى ساقلىشىڭىز كېرەك، بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارنى ھەر قانداق بىر كىشى بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا بولمايدۇ. بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى مەخپىي نومۇر ئىشلىتىشىڭىزنى ھەمدە ئۇنى ياخشى ساقلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۆزىڭىزنىڭ مەخپىي نومۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار. ئەگەر خۇاۋېي ھېسابى ياكى «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» نىڭ تەپسىلاتىنى ئۈچىنچى تەرەپكە تەمىنلەپ بەرسىڭىز، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەر قانداق زىيان ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.

ئەگەر سىزنىڭ «خۇاۋېي ئەپ ئىچىدە ھەق تۆلەش» مەخپىي نومۇرى، خۇاۋېي ھېسابى ياكى ئالاقىدار تىزىملاش ئۇچۇرلىرىڭىزنى باشقىلار ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ گۇمانلانسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم 23-باب («بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ») دىكى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى ئارقىلىق بىزگە ئۇقتۇرۇڭ.سىز يەنە دەرھال مۇناسىۋەتلىك مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەتىشىڭىز كېرەك. باشقىلارنىڭ خۇاۋېي ھېسابى بىلەن بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلسىڭىز بولمايدۇ. سىز چوقۇم مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىڭىزنىڭ خۇاۋېي ھېسابى ياكى «خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقى» ھېسابات ئۇچۇرىڭىزنى، بانكا كارتىسى ياكى ئىناۋەت كارتىسى ئۇچۇرىڭىزنى، كومپيۇتېر، يانفون، ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر SIM كارتىسى ئۇچۇرىڭىزنى قوغدىشىڭىز، ئۈچىنچى تەرەپ ھوقۇق ئالماي تۇرۇپ سىزنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

9 ئىشلىتىش قائىدىسى

قانۇن ۋە ئەخلاققا ئۇيغۇن شەكىلدە بۇ كېلىشىمنى زىيارەت قىلىشقا ۋە بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشكە ۋەدە بەردىڭىز ھەم قوشۇلدىڭىز. بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ پايدىلىنىپ ھەر قانداق تۆۋەندىكى خاراكتېردىكى ئۇچۇرلارنى يوللاشقا، ياكى باشقا ئۇسۇلدا ھەر قانداق تۆۋەندىكى خاراكتېردىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ قوشۇلدىڭىز: ساختا، قارىلايدىغان، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان، زىيانلىق، شەھۋانىي، ھۇجۇم خاراكتىرلىك، بوزەك قىلىدىغان، پاراكەندىچىلىك سالىدىغان، سەتلەشتۈرىدىغان، ئۆچلۈك قىلىدىغان، قۇترىتىدىغان، تەھدىت سالىدىغان، قانۇنسىز، بىھۆرمەتلىك قىلىدىغان، ھاياسىز، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە دەخلى-قىلىدىغان ياكى باشقا تەرەپلەردە بىزار قىلىدىغان ئۇچۇرلار، قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى كۈچەيتىش، روشەن تەسۋىرلەش، زوراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق كەمسىتىدىغان، قانۇنسىز، جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك زىيان ياكى زەخىملەندۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ھەق تەلەپ ياكى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئۇچۇر ۋە ھەرىكەتلەر (ئېلان قىلىش ياكى يوللاش ھوقۇقى يوق ئۇچۇر، ياكى ھەرقانداق مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى ۋە/ياكى ئۈچىنچى تەرەپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغان مۇشۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش ياكى يوللاش قاتارلىقلارنى ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ).

بۇ كېلىشىمدە ئېنىق بەلگىلەنگەن ياكى قانۇن يول قويغان ئەھۋاللاردىن سىرت، تۆۋەندىكى ھەرقانداق پائالىيەتنى ئېلىپ بارسىڭىز بولمايدىغانلىقىنى بىلدىڭىز:

(a) بۇ مۇلازىمەت ئۆزئىچىگە ئالغان ھەرقانداق نەشر ھوقۇقى، تاۋار ماركىسى ۋە باشقا مەخسۇس ئۇقتۇرۇشنى ئۆچۈرۈش؛

(b) بۇ مۇلازىمەتنىڭ بارلىق ياكى بىر قىسىم مەزمۇنىنى كۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش ياكى بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ بىر قىسىمىنى باشقا ھەرقانداق پىروگرامما بىلەن بىرىكتۈرۈش؛

(c) بۇ مۇلازىمەت، مۇلازىمەت تورى ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر بۆلىكىنى ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىش، زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنۇش ياكى زىيانغا ئۇچرىتىش؛

(d) بۇ مۇلازىمەتنى ياكى بىر قىسمىنى پارچىلاپ، كودىنى يېشىپ ياكى تەتۈر ئېچىپ، ئاشۇ ئاساستا تۇغۇندى مەھسۇلات ياساش ياكى قانۇن چەكلىگەن مۇشۇنىڭدەك ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇش؛

(e) بۇ مۇلازىمەتنى پارچىلاپ تارقىتىش، ئىجازەتلەش، ئىجارىگە بېرىش، سېتىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ سېتىش، ئاممىۋىي سورۇندا كۆرسىتىش، ئاشكارا ئېلان قىلىش، يوللاش، قويۇش، تارقىتىش ۋە ھەرقانداق ئىجازەتسىز شەكىلدە ئىشلىتىش؛

(f) خۇاۋېينىڭ ئىشتىن ئىلگىرىكى يازمىچە ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەر قانداق شەكىللەر ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنىڭ بارلىق ياكى بىر قىسىم مەزمۇنىنى (نىشاندىكى نەرسە ھەمدە ئەسلى كودىنى ئىچىگە ئالىدۇ) تاپشۇرۇش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقىلارغا تەمىنلەپ بېرىش؛

(g) بۇ مۇلازىمەتتە باشقىلارنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىش ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا مۇناسىۋەت قۇرۇش؛

(h) ھەر قانداق قانۇنسىز مەقسەتتە، ھەر قانداق قانۇنسىز شەكىلدە، ياكى بۇ كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا بۇ مۇلازىمەت (ياكى ھەر قانداق قىسمى) نى ئىشلىتىش، ياكى ھەر قانداق ئالدامچىلىق ياكى يامان نىيەتلىك قىلمىشلار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش، بۇ مۇلازىمەت (ياكى بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئۇلانما ئادرېسى) ياكى ھەر قانداق مەشغۇلات سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ۋىرۇس ياكى زىيانلىق مەلۇماتلارنى ئىچىگە ئالغان يامان غەرەزلىك كود كىرگۈزۈشنى ئىچىگە ئالىدۇ ياكى چەكلەنمەيدۇ؛

(i) بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلغان ۋە/ياكى ئىشلەتكەندە بىز ياكى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش؛

(j) بۇ مۇلازىمەت ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش، ياكى ئاپتوماتىك ۋاستە (مەسىلەن كومبايىن پىروگراممىسى) ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەت ياكى خۇاۋېينىڭ سىستېمىنى زىيارەت قىلىش، ۋەياكى بۇ مۇلازىمەتنى ئىجرا قىلىدىغان مۇلازىمىتېرغا يۈكلىگەن ياكى ئۇنىڭدىن ئېلىنغان ھەرقانداق مەزمۇننى يېشىش؛

(k) يۇمشاق دېتال، ئۈسكۈنە، يېزىم (كود) ياكى باشقا ھەرقانداق ۋاسىتە ياكى جەريان (قۇرت يۇمشاق دېتال، تور كۆرگۈچ قىستۇرمىسى ياكى باشقا تېخنىكا ياكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشى شۇلارنىڭ ئىچىدە) ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ياكى بۇ مۇلازىمەتتىكى ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرى ۋە باشقا مەلۇماتلارنى ئېلىۋېلىش؛

(l) خۇاۋېيدىن ئالدىن يازما ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ بۇ مۇلازىمەتنى سودىغا ئىشلىتىش؛

(m) بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق ھەربىي قورال، زەھەرلىك چېكىملىك، قانۇنسىز بۇيۇم، ئوغرى نەشردىكى يۇمشاق دېتال ۋە باشقا چەكلەنگەن بۇيۇملارنى ئېلىپ-سېتىش؛

(n) قىمار ئۇچۇرى تەمىنلەش ياكى باشقا ھەرقانداق ۋاسىتە بىلەن باشقىلارنى قىمارغا قىزىقتۇرۇش؛

(o) باشقىلارنىڭ تىزىملاپ كىرىش ئۇچۇرىنى سوراش ياكى باشقىلارنىڭ ھېساباتىغا كىرىش

(p) پۇل يۇيۇش، ئېلىش ياكى شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىش؛

(q) بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش (ياكى ئۇنىڭ ھەرقانداق بۆلىكىگە خىلاپلىق قىلىش) ياكى باشقىلارنى شۇنداق قىلىشقا ئۈندەش؛

(r) بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەت، خۇاۋېينىڭ سىستېمىسى ياكى بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش، ئۇلارنى چەكلەش، ئاجىزلىتىش ياكى تەھدىت سېلىش، ياكى يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىش، باشقا ئىشلەتكۈچى ياكى كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسىغا دەخلى قىلىش، خۇاۋېي مەزمۇنلىرى (ئېنىقلىمىسى تۆۋەندە) ياكى مەلۇماتلىرىنى ئىجازەتسىز زىيارەت قىلىش ياكى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلار.

10 خۇاۋېي مەزمۇنلىرىنى ئىشلىتىش

بىز ۋە/ياكى ئىجازەت ئالغۇچى بۇ مۇلازىمەت ياكى بۇ مۇلازىمەت ئارقىلىق ئېرىشكەن بارلىق ئۇچۇر (تېكىست، رەسىم، سىن ۋە ئاۋازنى ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ)، رەسىم، سىنبەلگە، ئەپ، لايىھە، يۇمشاق دېتال، يېزىم، پىروگرامما، نەشر ھوقۇقى، ماركا، ماركا نومۇرى، بەلگە شۇنداقلا باشقا ماتېرىيال ياكى مۇلازىمەت، شۇنداقلا ئىلگىرى تەسۋىرلىگەن سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە تەسىراتقا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خۇاۋېي مەزمۇنى» دېيىلىدۇ) قارىتا بارلىق ھوقۇق، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، مەنپەئەتىنى ساقلاپ قالىدۇ. دىققەت: خۇاۋېي مەزمۇنى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنى ھەمدە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئاساسەن، نەشر ھوقۇقى، سودا ماركىسى ھوقۇقى، مەلۇمات ئامبىرى ھوقۇقى، مۇستەقىل ھوقۇق ھەمدە باشقا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە سانائەت مەھسۇلاتى ھوقۇقى جەھەتلەردىن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ كېلىشىمدىكى باشقا بەلگىلىمىدىن سىرت، بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىشىڭىز ۋە/ياكى ئىشلىتىشىڭىز بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭ مەزمۇنىغا ئىگىدارلىق ھوقۇقى شەكىللەندۈرمەيدۇ ياكى باشقا ھوقۇقلار سىز ياكى باشقا ھېچقانداق ئادەمگە ئۆتۈنۈپ بېرىلمەيدۇ.

ھەرقانداق شەكىلدە ئۆزگەرتسىڭىز، كۆچۈرسىڭىز، ئالسىڭىز، تۈزەتسىڭىز ياكى خۇاۋېي مەزمۇنى قوشسىڭىز بولمايدۇ ھەم مەزمۇنلارنى سېتىشقا، كۆچۈرۈشكە، تارقىتىشقا، ئىجازەت بېرىشكە ياكى قالايمىقان پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ھەرقانداق خۇاۋېي مەزمۇنىنى قايتا ئېلان قىلىش، ئايرىش، كۆچۈرۈش، تارقىتىش ياكى باشقا ئۇسۇلدا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، سىز چوقۇم ئالدىنئالا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئالدىن يازما ئىجازەت ئېلىشىڭىز كېرەك، بۇ كېلىشىمدە يەنە ئېنىق چۈشەندۈرۈش بار بولغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان دائىرىدە ھوقۇقىڭىزدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

سىز بۇ مۇلازىمەت ياكى باشقا ھەر قانداق قىسىملىرى ھەر قانداق نەشىر ھوقۇقى، ماركا، پاتېنت، سودا مەخپىيەتلىكىگە ياكى باشقا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ قارىسىڭىز، ياكى سىز بۇ مۇلازىمەتكە قارىتا باشقا ئالاقىدار گۇمانلاردا بولسىڭىز، hwcloud@huawei.com ئارقىلىق بىزنى خەۋەرلەندۈرۈڭ.


11 بۇ مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش

سىزنىڭ (ھەرقانداق باشقا ئادەم) بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ياكى ئىشلىتىشىڭىز بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدىمۇ بۇنىڭغا بىزنىڭ كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز يوقلىقىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. لېكىن بىزنىڭ بۇ مۇلازىمەتنى يۈرۈتۈش ۋە ياخشىلاش مەقسىتىدە (ئالدامچىلىقى ئالدىنى ئېلىش، خەۋپ-خەتەرنى باھالاش، تەكشۈرۈش ۋە خېرىدارلارنى قوللاشنى ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن چەكلەنمەيدۇ)، سىزنىڭ بۇ كېلىشىم ۋە تەتبىقلانغان قانۇن ياكى سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت پەرمانى، مەمۇرىي ئورگان ياكى باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇيرۇق ياكى تەلىپىگە رىئايە قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىمىز بار. مەزمۇنىڭىزنىڭ بۇ كېلىشىمگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە ھەرقاچان تەپسىلىي قاراپ چىقىش ھوقۇقىمىز بار. ئەگەر بىز سىزنىڭ مەزمۇنلىرىڭىزنىڭ بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ياكى باشقا جەھەتلەردە كىشىنى بىزار قىلىدىغانلىقىنى بايقىساق، بىزنىڭ قانۇنىي تەلەپ بويىچە مەزمۇنلىرىڭىزنى ئالدىن تەكشۈرۈش، يۆتكەش، رەت قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە/ياكى يۆتكىۋېتىش ھوقۇقىمىز بار.

12 سىز مەسئۇل خەۋپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش

خۇاۋېي ھېسابى قۇرغان ياكى يېڭىلىغاندا، خۇاۋېي سىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېلېكتىرونلۇق يول بىلەن بۇ مۇلازىمەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىشى مۇمكىن. خۇاۋېينىڭ بۇ كېلىشىم ھەمدە بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئېلېكتىرونلۇق يول ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىشىغا قوشۇلدىڭىز. تورخەت ۋە باشقا تور ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئارىلىشىشى ياكى تەكشۈرۈشى، مۇستەقىل دەلىللىشىگە ئۇچرايدۇ. خۇاۋېي بۇ خىل ئالاقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ئامالسىز، بۇ جەرياندىكى خەۋپنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.

13 مەخپىيەتلىك ۋە مەلۇمات يىغىش

سىزنى تېخىمۇ مۇقىم مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، سىزنىڭ سودىلىشىش بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتتىكى ئالاقىدار مەخپىيەتلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە باياناتقا ئاساسەن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايدۇ ھەمدە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

14 مەسئۇلىيەت باياناتى

بۇ مۇلازىمەت شەخسلەرگىلا تەمىنلەنگەن، ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپكە تەمىنلەنمەيدۇ. سىز خۇاۋېي ۋە خۇاۋېي باش شىركىتى، قوشۇمچە شىركەت، باغلىنىشلىق شىركەت، مەسئۇل كىشى، مۇدىر، خىزمەتچى، ھۆددىگەر، ۋاكالەتچى، ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى، ھەمكارلاشقۇچى، ئىجازەت بەرگۈچى ۋە سېتىش سودىگىرى (تۆۋەندە بىرلەشتۈرۈلۈپ «خۇاۋېي تەرەپ» دېيىلىدۇ)، ھوقۇق بەرمەي تۇرۇپ بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ كېلىپ چىققان ھەر قانداق زىيان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا قوشۇلدىڭىز.

خۇاۋېي تەرەپ بۇ مۇلازىمەتنى ئاسراش ياكى باشقا مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىمەيدۇ. بۇ مۇلازىمەت ئىشلىتىش جەريانىدا تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈزۈلۈپ قېلىشى، كېچىكىشى ياكى توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن. خۇاۋېي تەرەپ ئالدىدا دېيىلگەن ئۈزۈلۈپ قېلىش، كېچىكىش ياكى توسالغۇغا ئۇچراش ھەم شۇنىڭدەك توسالغۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئەيىپلەشلەردە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.

سىز تۇرۇۋاتقان ئەدلىيەلىك تەۋەلىكتە قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ چوڭ دائىرىدە، سىز ۋە باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلالماسلىقى ۋە ئىشلىتەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيەت، زىيان، تۆلەمگە قارىتا خۇاۋېي تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

(a) خۇاۋېي سىسېتما ياكى قاتتىق دېتالنى ئاسراش ياكى يېڭىلاش ياكى نەشر ئۆستۈرۈش سەۋەبلىك مۇلازىمەت توختاپ قالسا ياكى توختىسا؛

(b) خۇاۋېيغا قاراشلىق بولمىغان سىستېما ياكى تور-ئالاقىسىدە مەسىلە ياكى كېچىكىش كۆرۈلسە؛

(c) خۇاۋېي بىلەن ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپ تۆلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىنىڭ ئوتتۇرىدىكى توختام ئۈزۈلسە، بىكار قىلىنسا ياكى ئاياغلاشسا؛

(d) خاككېر ھۇجۇمى ياكى باشقا بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك خاتالىق كۆرۈلسە ياكى مۇلازىمەت ئۈزۈلۈپ قالسا؛ ياكى

(e) خۇاۋېينىڭ قۇربى يەتمەيدىغان باشقا سەۋەب كۆرۈلسە.

بۇ مۇلازىمەت «نۆۋەتتىكى ئەھۋالى» ۋە «قانداق بولسا شۇنداق» ھالىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق كاپالەت بېرىلمەيدۇ. سىز تۇرۇشلۇق ئەدلىيە تەۋەلىكىدىكى تەتبىقلانغان قانۇن يول قويغان ئەڭ چوڭ دائىرە ئىچىدە، مۇلازىمەت ئىچىدىكى تەسۋىرلەشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، خۇاۋېي تەرەپ باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن كاپالەت ، شارائىت ياكى باشقا كېلىشىم بەرمەيدۇ. بۇ مۇلازىمەتتىكى ئىقتىدارلاردىن بەھرىمەن بولغاندا، تاللىغان مۇلازىمەتنىڭ ئېھتىياجىڭىزنى، ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئالاھىدە بېكىتكەن نەتىجىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان-ئاشۇرالمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن بېقىنىش، ئىشلىتىش ياكى بۇ مۇلازىمەتنى چۈشەندۈرۈش ياكى سىز (ياكى باشقا ھەرقانداق كىشى) زىيارەت قىلىش ۋە/ياكى بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە ئېرىشكەن ئۇچۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق زىيان ياكى زىيان-زەخمەتلەرگە قارىتا، خۇاۋېي تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

قىسمەن دۆلەت قانۇنىدا توختامدىن چىقىرىۋېتىشكە ياكى چەكلەشكە بولمايدىغان بەزى كاپالەت، كېپىللىك ۋە مەسئۇلىيەتلەر؛ ناۋادا بۇ قانۇنلار ئۇيغۇن كەلسە، ئالدىدا دېيىلگەن چىقىرىۋېتىدىغان ياكى چەكلەيدىغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسىمى ئالاھىدە ھوقۇقىڭىزدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق مەزمۇن ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھەم بۇ توختام ئارقىلىق بۇ ھوقۇقلىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز ياكى بىكار قىلالمايسىز.

15 جاۋابكارلىق چەكلىمىسى

سىز تۇرۇشلۇق ئەدلىيە باشقۇرۇش رايونى يولغا قويغان قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ چوڭ دائىرىدە، بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ۋە ئىشلىتىش دۇچ كەلگەن تاشقى خەۋپ-خەتەرنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز. خۇاۋېي تەرەپ تۆۋەندىكى ئەھۋال سەۋەبىدىن مەيلى توختام، ھوقۇققا دەخلى قىلىش (ھوقۇققا سەۋەنىلىك دەخلى قىلىشنى ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى باشقا ھەرقانداق ئاساستا سىز ياكى ھەرقانداق باشقا ئادەم كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسئۇلىيەت، زىيان ياكى زەخمەتكە مەسئۇل بولمايدۇ: (a) پايدا زىيىنى، كىرىم زىيىنى، تاپاۋەت زىيىنى، مەلۇماتلار يوقاپ كېتىش ياكى سودا ئىناۋىتى زىيىنى؛ ياكى (b) ئالاھىدە، ۋاسىتىلىك ياكى ھاسىلىي زىيان ياكى زىيان-زەخمەت. خۇاۋېي يۇقىرىدا دېيىلگەن زىياننىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېنىق بىلسۇن-بىلمىسۇن، بۇ كېلىشىمدىكى چەكلەش ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىش شەرتلىرى داۋاملىق ئىشلىتىلىدۇ.

مەيلى سىز قانداق ۋاقىتتا بۇ مۇلازىمەتكە قارىتا ھەرقانداق جەھەتلەردە رازى بولمىسىڭىز، hwcloud@huawei.com ئارقىلىق بىزنى خەۋەرلەندۈرۈڭ، ياكى بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىشتىن ۋە ئىشلىتىشتىن توختاتسىڭىز بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان چەكلىمىگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەت تۈپەيلىدىن بىۋاسىتە كېلىپ چىققان ئەمەلىي ئىقتىسادىي زىيىنىڭىزغا مەسئۇل بولىدۇ. سىز تۇرۇشلۇق ئەدلىيە قاراشلىق رايونىدا قانۇن رۇخسەت قىلغان ئەڭ چوڭ دائىرىدە، خۇاۋېي تەرەپ سىز ياكى باشقىلارنىڭ بۇ مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك شىكايەت، ئەرز، مەجبۇرىيەت، زەخمە، زىيان ۋە تەننەرخنىڭ جەمئىي جاۋابكارلىقى خۇاۋېي سىزگە تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن ئېرىشكەن مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئومۇمىي سوممىسىدىن ئاشمايدۇ.

قىسمەن دۆلەت قانۇنىدا توختامدىن چىقىرىۋېتىشكە ياكى چەكلەشكە بولمايدىغان بەزى كاپالەت، كېپىللىك ۋە مەسئۇلىيەتلەر؛ ناۋادا بۇ قانۇنلار ئۇيغۇن كەلسە، ئالدىدا دېيىلگەن چىقىرىۋېتىدىغان ياكى چەكلەيدىغان شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسىمى ئالاھىدە ھوقۇقىڭىزدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا ئۇيغۇن كەلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق مەزمۇن ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ھەم بۇ توختام ئارقىلىق بۇ ھوقۇقلىرىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز ياكى بىكار قىلالمايسىز.

16 تۆلەم

ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان ئەدلىيەلىك تەۋەلىكتە قانۇن يول قويغان ئەڭ كەڭ دائىرىدە، خۇاۋېي تەرەپنىڭ تۆۋەندىكى سەۋەب ياكى مۇناسىۋەتلىك سۈرۈك، ئەرز ياكى ئەيىبلەشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ:

• مەزمۇنىڭىز

• بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش؛

• بۇ كېلىشىمگە ياكى ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەر ئىجازەت كېلىشىمىدىكى ھەرقانداق قىسمىغا خىلاپلىق قىلسىڭىز.

• ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ياكى باشقا ھەرقانداق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلسىڭىز؛ ياكى

• ھەرقانداق ئادەم خۇاۋېي ھېسابىڭىزنى ئىشلىتىپ ئېلىپ بارغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلمىشلار ياكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەزمۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش.

ھەربىر شىكايەت، ئەرز، ياكى ئەرزدىن (ھەرقانداق سەۋەنىلىك شىكايىتىنى ئىچىگە ئالىدۇ) كېلىپ چىققان ھەرقانداق جاۋابكارلىق، زىيان، خىراجەت، دەۋا ھەققى ۋە ئادۋوكاتلىق ھەققىنى ئىچىگە ئالىدۇ.

خۇاۋېي تەرەپ مۇۋاپىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغاندا دەرھال ھەم پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئالدىدا دېيىلگەن سۈرۈك ياكى تەلەپ بويىچە ئاقلاشقا ياردەملىشىشكە قوشۇلدىڭىز. خۇاۋېينىڭ سىز بىلەن بولغان تۆلەم ئىشلىرىنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئايرىم ئەرز قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار.

17 سىز ئاياغلاشتۇرۇش

سىز ھېسابات تەڭشەش ياكى بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى توختىتىش ئارقىلىق ھېساباتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

ھېسابات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھېساباتىڭىزغا ساقلانغان بارلىق مەلۇماتلار، ھېساباتىڭىزدا پەيدا بولغان بارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈلىدۇ. ھېساباتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ كېلىشىمنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ.

ھېساباتىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، خۇاۋېي 6 ئاي ئىچىدە ھېساباتىڭىزدىكى بارلىق مەلۇماتلار، ھۆججەت ۋە ساقلانغان مەزمۇنى مەڭگۈلۈك ئۆچۈرىدۇ.

18 خۇاۋېي ئاياغلاشتۇرۇش ياكى ئۈزۈش

بىز قانۇن بويىچە خالىغان ۋاقىتتا پۈتكۈل ياكى قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك توختىتالايمىز، بىكار قىلالايمىز ياكى چەكلىيەلەيمىز، ھېچقانداق شەخس ياكى ئۈچىنچى تەرەپكە قارىتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز. بىز ئالدىدا دېيىلگەن ھەرىكەتنى قوللىنىشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر سىزگە ئۇقتۇرىمىز. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار يۈز بېرىپ قالسا، ئالدىن ئۇقتۇرمايمۇ سىزنىڭ بارلىق ياكى قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزنى ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك چەكلىشىمىز، بىكار قىلىشىمىز ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن:

(a) بۇ كېلىشىمگە، ئۇنىڭ ھەرقانداق تۈزۈمى، سىياسىتى ياكى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، ياكى خۇاۋېينىڭ سىزنى بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلدى دەپ قارايدىغان سەۋەبى بار بولسا؛

(b) سىز ياكى سىز ۋەكىل بولغان ھەرقانداق كىشى ئالدامچىلىق قىلسا ياكى خۇاۋېيغا ساختا ئۇچۇر تەمىنلىسە؛

(c) قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئەدلىيە ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنۇلسا؛

(d) جىددىي ھالەتتە سىستېما ياكى قاتتىق دېتال ئاسراش ئۈچۈن؛ ياكى

(e) مۆلچەرلەنمىگەن تېخنىكىلىق، بىخەتەرلىك ياكى كەسپىي سەۋەبتىن.

خۇاۋېي ئىشلەتكۈچىنىڭ بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشى ياكى زىيارەت قىلىشىنى توختاتسا، ئاخىرلاشتۇرسا ياكى تىزىمدىن چىقارسا، خۇاۋېينىڭ ئالدىن يازما ئىجازىتى بولمىسا، ئىشلەتكۈچى قايتا خۇاۋېي ھېسابى قۇرالمايدۇ ياكى بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلالمايدۇ.

بۇ كېلىشىمنىڭ ۋاقتى توشۇشى ياكى ئاخىرلىشىشى بۇ كېلىشىمدە ئېنىق ئىزاھلانغان كېلىشىم كۈچىدىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەشغۇلات قىلغىلى ياكى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك شەرتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ھەم ھەرقانداق ھوقۇق-مەنپەئەت ياكى مەجبۇرىيەت ۋە ياكى بۇ كېلىشىمدە كۈچتىن قالغان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغان ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ئەگەر ھېساباتىڭىزنى خۇاۋېي بۇلۇت بوشلۇقىدا ئۇدا 12 ئاي ئاكتىپلاشتۇرمىسىڭىز، خۇاۋېي ھېساباتىڭىزغا ئالاقىدار ھەر قانداق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

15، 16، 17، 18 ۋە 22-باب ھەمدە خاراكتېرى بۇ كېلىشىم ئاخىرلاشقان ياكى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئۈنۈملۈك باشقا ھەرقانداق ماددىلار سىز بىلەن خۇاۋېي ئوتتۇرىسىدىكى توختام مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقان ياكى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئۈنۈملۈك.

19 بۇ مۇلازىمەتنى تۈزىتىش

خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتنى داۋاملىق يېڭىلايدۇ، ئۆزگەرتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. خۇاۋېي بۇ مۇلازىمەتكە يېڭى ئىقتىدار ياكى خۇسۇسىيەتلەرنى قوشۇشى، مەلۇم مۇلازىمەتلەرگە يېڭى چەكلىمە قويۇشى، ۋاقىتلىق توختىتىشى ياكى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ناۋادا بۇ مۇلازىمەتنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىگە زور تەسىر كۆرسەتسە ياكى مۇشۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ياكى ئىشلىتىشىنى چەكلەپ قويسا، ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق پەيتتە سىزگە ئۇقتۇرىمىز. ناۋادا بۇ مۇلازىمەت ياكى كېلىشىم ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىگە زور تەسىر كۆرسەتمىسە ياكى مۇشۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ياكى ئىشلىتىشىنى چەكلەپ قويمىسا، ئالدىن ئۇقتۇرماسلىقىمىز مۇمكىن. بىخەتەرلىك، قانۇن ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەلەپلەرنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ مۇلازىمەتنى تۈزەتسەك، بەلكىم ئالدىدا دېيىلگەندەك ئالدىن ئۇقتۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئىمكانقەدەر سىزگە تېز ئۇقتۇرىمىز.

20 بۇ كېلىشىمنى ئۆزگەرتىش

خۇاۋېي بەلكىم بۇ كېلىشىمنى خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگەرتىشى ھەمدە خۇاۋېينىڭ بارلىق مۇلازىمىتى، مەلۇم قىسمى ياكى كۆپ قىسىمىنىڭ ئۈنۈملۈك كونكىرىت شەرتلىرى، قىلمىش ئۆلچىمى ياكى كۆرسەتمىلىرىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن. بۇ كېلىشىمنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى مۇشۇ مۇلازىمەتتە ئېلان قىلىنىدۇ. يېڭى نەشرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، چۈنكى پەقەت ئەڭ يېڭى نەشرىلا كۈچكە ئىگە.

ئەگەر ھوقۇق ياكى مەجبۇرىيىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ماھىيەتلىك ئۆزگەرتىش بولسا، مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە بۇ مۇلازىمەت ياكى تورخەت ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشنى ئىچىگە ئالغان مۇۋاپىق ئۇسۇلدا سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز. بىخەتەرلىك، قانۇن ياكى نازارەت قىلىش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنى ئۆزگەرتىشكە نىسبەتەن، يۇقىرىدىكى ئالدىن ئېلان قىلىش ۋاقىت تەلىپىنى قاندۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن، لېكىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.

ناۋادا ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن بۇ مۇلازىمەتنى داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز، سىزنى ئالدىدا دېيىلگەن ئۆزگەرتىشنى قوبۇل قىلدى دەپ قارايمىز. ناۋادا بۇ ئۆزگەرتىشكە قوشۇلمىسىڭىز، بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىشنى توختىتىش ئارقىلىق خۇاۋېي بىلەن بولغان كېلىشىم مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. سىز بۇ كېلىشىمدىن مەيدانغا كەلتۈرگەن ھەرقانداق تۈزىتىش، يېڭىلاش ياكى ئۆزگەرتىش خۇاۋېيغا قانۇنىي چەكلەش كۈچى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ.

21 ئادەتتىكى شەرت

بۇ كېلىشىم ياكى نەقىل ئېلىنغان ھەرقانداق پۈتۈك سىز بىلەن خۇاۋېي ئوتتۇرىسىدا سىزنىڭ بۇ مۇلازىمەتنى زىيارەت قىلىش ياكى ئىشلىتىشىڭىز جەھەتتە مۇكەممەل كېلىشىم ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ مۇلازىمەت ياكى ئۈچىنچى تەرەپ بەلكىم باشقا تور بېكەت ياكى مەنبەنىڭ ئۇلانمىسىنى تەمىنلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ مۇشۇ تۈردىكى سرتقى تور بېكەت ياكى مەنبەلەرگە مەسئۇل بولالمايدىغانلىقىمىزنى، ئۇلاردىن ئېرىشكەن ھەر قانداق مەزمۇن، ئېلان، مەھسۇلات ياكى باشقا ئۇچۇرغا ھەرقانداق شەكىلدە ئىگە بولمايدىغانلىقىمىزنى ياكى ھەر قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالمايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندىڭىز ھەم قوشۇلدىڭىز. سىز مۇشۇ تۈردىكى تور بېكەت ياكى مەنبەلەردىن ھەرقانداق مەزمۇن، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ياكى تايىنىشتىن كېلىپ چىققان ياكى شۇنداق بولدى دەپ جاكارلانغان ھەرقانداق زىيان ياكى چىقىمغا قارىتا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز.

بۇ كېلىشىمدىكى بايانات، مەسئۇلىيەت چەكلىمىسى، مەسئۇلىيەتنى بىكار قىلىش ۋە تۆلەم بېرىش شەرتلىرى بۇ كېلىشىمنىڭ ۋاقتى توشقان ياكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇددەتسىز كۈچكە ئىگە.

بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق مەزمۇندىن سىز بىلەن خۇاۋېي ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ياكى ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇلدى دەپ قارىۋالسىڭىز بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ قارشى تەرەپنىڭ نامىدا ياكى ۋاكالەتچىلىكىدە قارشى تەرەپكە ھەرقانداق مەسئۇلىيەت، قەرز ياكى تەننەرخ يۈكلەپ قويۇش ۋەياكى ھەرقانداق توختام تۈزۈش ياكى پۈتۈشۈش ھوقۇقى يوق.

مۇۋاپىق تىزگىنلەش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلار پەيدا قىلغان ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان، خۇاۋېي بۇ كېلىشىم ياكى مۇلازىمەتتە ۋاقتىدا ياكى كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلالمايدىغان مەجبۇرىيەتلەردە خۇاۋېي ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ.

خۇاۋېينىڭ يازمىچە ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق ھوقۇق ياكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتۈنۈپ بەرسىڭىز ياكى باشقا شەكىلدە يۆتكەپ بەرسىڭىز بولمايدۇ. ھېچقانداق ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى يۆتكەپ بېرىش ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ. خۇاۋېينىڭ بۇ كېلىشىمدىكى خۇاۋېينىڭ ھوقۇق ۋە/ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئۆتۈنۈش، بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش ياكى ئالماشتۇرۇشقا ھوقۇقى بار. مۇلازىمەت نىشانىغا ئېھتىياجلىق ھەرقانداق ياكى بارلىق ھۆججەتلەرنى دەرھال ئىجرا قىلىشقا قوشۇلدىڭىز.

ناۋادا بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، لېكىن خۇاۋېي ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانمىغان بولسا، خۇاۋېينىڭ سىز بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغاندىن باشقا ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ھەمدە قۇتقۇزۇش ھوقۇقى بار. ئەگەر بۇ كېلىشىمدىكى ھەرقانداق شەرت (ياكى مەلۇم شەرتنىڭ ھەرقانداق قىسمى) باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سوت مەھكىمىسى ياكى باشقا ھەرقانداق باشقۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز، ئۈنۈمسىز ياكى ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارالسا، بۇ شەرت بۇ كېلىشىمدىن ئۆچۈرۈلىدۇ، ھەمدە باشقا ھەرقانداق شەرتلەر يەنىلا تولۇق قانۇن كۈچىگە ئىگە،يەنى بۇ شەرت ئىناۋەتسىز، ئۈنۈمسىز ياكى ئىجرا قىلغىلى بولمىسىمۇ باشقا شەرتلەر داۋاملىق يەنىلا كۈچكە ئىگە.

22 باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى قانۇن ۋە تەۋەلىك رايون

بۇ كېلىشىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى قانۇن-نىزاملىرىغا ئۇيغۇن. قانۇننى تاللاش قائىدىسى ئويلىشىلمىغان. سىز بىلەن خۇاۋېي بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئورۇن شېنجېن شەھىرى لوڭگاڭ رايونى. توختامنى ئادا قىلىش جەريانىدا تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بەرسە چوقۇم كېڭىشىپ ھەل قىلىش كېرەك، كېڭىشەلمىسە، تەرەپلەر پەقەت بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغان جايدىكى باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقى بار بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىش ئۇسۇلى بويىچە ھەل قىلسا بولىدۇ.

23 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش

بۇ كېلىشىمگە قارىتا قانداق پىكرىڭىز بولسا، تۆۋەندىكى ئۇچۇر ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ:

hwcloud@huawei.com