خۇاۋېي ئەپ بازىرى ۋە مەخپىيەتلىك توغرىسىدىكى بايانات
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى
"خۇاۋېي ئەپ بازىرى" كەسپى خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە "بىز" ياكى "خۇاۋېي" دېيىلىدۇ) سىز ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئەپ چۈشۈرىدىغان، قاچىلايدىغان ۋە باشقۇرىدىغان سۇپىدۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدۇ، قانۇن تەلىپى ۋە كەسپىي ساھەنىڭ پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ماس بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى بىلەن تەمىنلەيمىز.
•شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىشىمىز، سىزنىڭ قولاي ھالدا ئەپ سېتىۋېلىش، چۈشۈرۈش، قاچىلاش ۋە باشقۇرۇشىڭىز ئۈچۈندۇر.
•پائالىيەتكە قاتنىشىپ مۇكاپات بۇيۇم، سوۋغاتلىق ياكى ئېتىبار بېلىتىگە ئېرىشكەندە، سىزگە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، پائالىيەت ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ۋە ئۈچىنچى تەرەپ توشۇش شىركەتلىرى بىلەن سىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشىمىز كېرەك، كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.
•خۇاۋېي ھېسابات ئۇچۇرىڭىز ۋە "خۇاۋېي ئەپ بازىرى"دىكى ئىزدەش، چۈشۈرۈش ۋە باشقا مەشغۇلات ئۇچۇرىڭىزنى ئىشلىتىپ، ئىقتىدارنى ياخشىلايمىز ۋە سىزنى خاسلاشقان تەۋسىيە بىلەن تەمىنلەيمىز، كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.
1. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز
ئەپ كۆرۈش/ئىزدەش/چۈشۈرۈش/قاچىلاش/ئۆچۈرۈش
"خۇاۋېي ئەپ بازىرى"غا كىرگەندە، مۇلازىمەت ۋە ئىقتىدارلارنى نورمال ئىشلىتىشىڭىزنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىز، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، تور ئۇچۇرى، يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى، قاچىلانغان ئەپ تىزىمىلىكى ۋە ئەپنىڭ ئاساسى ئۇچۇرىنى توپلايمىز.
خۇاۋېي ھېساباتىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىش، پائالىيەتكە قاتنىشىش، باھا بېرىش ۋە مۇنبەر، ئەپ ئورتاقلىشىش، يېڭى ئويۇن بۇيرۇتۇش ۋە ياقتۇرۇش تىزىملىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇيرۇتما ئۇچۇرى ئەپ نەشرىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار سىزنىڭ كۆرۈش ۋە باشقۇرۇشىڭىز ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۇچۇرلار خۇاۋېي ھېسابىڭىز بىلەن باغلىنىپ، باشقا ئۈسكۈنىلىرىڭىزدە ماسقەدەملەشكە ياردەم بېرىدۇ.
پائالىيەت ۋە مۇكاپات ئېلىش مۇلازىمىتى
سىز ئۈچۈن مۇكاپات بۇيۇمى، سوۋغاتلىق ۋە ئېتىبار بېلىتى قاتارلىق مۇكاپاتلارنى تەييارلىدۇق، پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئېلىۋېلىڭ. سوۋغات ئالماشتۇرۇش كودى، ئېتىبار بېلىتى، خۇاۋېي تەڭگىسى قاتارلىق مەۋھۇم پۇل ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلاپ، ئىستېمال خاتىرىسى ۋە قالدۇقنى خالىغاندا كۆرۈشىڭىزگە قولايلىق يارىتىمىز. سىزگە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاپ پائالىيەت ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ۋە ئۈچىنچى تەرەپ توشۇش شىركەتلىرىگە تەمىنلىشىمىز كېرەك.
ئەپ باھالاش ۋە مۇنبەر مۇلازىمىتى
چۈشۈرگەن ئەپكە نومۇر قويسىڭىز ياكى باھا يازسىڭىز، ياكى ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئەپ مۇنبىرىنى كۆرۈپ، كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. باھا ۋە مۇنبەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خۇاۋېي ھېساباتىڭىزغا ساقلايمىز، خۇاۋېي ھېساباتىدىكى لەقەم، باش سۈرىتىڭىز ھەممە ئادەمگە كۆرۈنىدۇ.
مەزمۇننى ئورتاقلىشىش مۇلازىمىتى
ياقتۇرغان ئەپنى ئالاقە سۇپىسىغا ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن ۋېيشىن، ۋېيبو ياكى باشقا ئالاقە يۇمشاق دېتال قاتارلىقلار. ئورتاقلاشقاندا بۇ سۇپا شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىشى مۇمكىن، تەپسىلاتىنى مۇناسىۋەتلىك ئالاقە سۇپىنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىدىن كۆرۈڭ.
يېڭى ئويۇن بۇيرۇتۇش ۋە ياقتۇرۇش تىزىملىكى مۇلازىمىتى
ياقتۇرىدىغان ئويۇن ۋە ئەپلىرىڭىزدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشىڭىز ئۈچۈن، يېڭى ئويۇننى ئالدىن بۇيرۇتۇش ۋە ياقتۇرۇش تىزىملىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق، شۇڭا بۇيرۇتما خاتىرىسى ۋە ياقتۇرۇش تىزىملىكى ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز.
ئىشلەتكۈچىلەر مۇلازىمىتى ئۇچۇر ئەسكەرتمىسى
زۆرۈر بولغاندا ئۇقتۇرۇش بالدىقىدا پائالىيەت، مۇكاپاتقا ئېرىشىش، ئىنكاس قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىمىز. "مېنىڭ">"تەڭشەك">"ئۇچۇر ئەسكەرتمىسى"دىن تاقىسىڭىز بولىدۇ.
ئۇقتۇرۇش بالدىقىدا ئەپنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى كۆرسىتىمىز. «مىنىڭ»>«تەڭشەك»>«ئەپ يېڭىلاش ئەسكەرتمىسى»دىن تاقىسىڭىز بولىدۇ.
ئويۇن ياكى ئەپ ئىچىدىكى ياردەمچى مۇلازىمەت
ئويۇن ياكى ئەپتىن ياخشى تەسىراتقا ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن، سىستېمىنىڭ دائىملىق تەڭشىكى ۋە ئەپنىڭ ياردەمچى ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈردۇق، ئويۇن ياكى ئەپتىن چېكىنگەندە تېزلا تەڭشىيەلەيسىز، مەسىلەن، ئويۇن ئويناۋاتقاندا، ئۇچۇر دەخلىسىدىن خالىي بولۇش، ئېكران خاتىرىلەش، ئويۇن تېزلىتىش، كۇنۇپكا خاتا بېسىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى ئىشلىتەلەيسىز. مۇلازىمەتنى داۋاملىق ياخشىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىزنى يىغىمىز.
مەسىلە ۋە تەكلىپ ئىنكاس مۇلازىمىتى
"مەسىلە ۋە تەكلىپ" تە بىزگە تەكلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، ھەمدە مەسىلىنى تېخىمۇ توغرا ئېنىقلىشىمىزغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن سىستېما ئىشلىتىش خاتىرىسىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئاچسىڭىز ياكى تاقىسىڭىز بولىدۇ. سىز بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز ئۈچۈن، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك.
ئالدامچىلىق ۋە باشقا يامان غەرەزلىك قىلمىشلاردىن ساقلىنىش
خۇاۋېي، سىز ۋە باشقا خۇاۋېي خېرىدارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، يۇقىرىدا توپلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەتەرنى تىزگىنلەپ، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنسىز پائالىيەتلەردىن ساقلىنىمىز.
بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، يۇقىرىدىكى مۇلازىمەتنى تولۇق تەمىنلىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
2. خاس تەۋسىيە
بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىز، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، IP ئادرېسى ۋە خۇاۋېي ھېساباتى ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ قىزىقىدىغان مەزمۇننى تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىمىز. مەسىلەن، "ئەپ بازىرى"دىكى بۇرۇنقى ئىزدەش، كۆرۈش، چۈشۈرۈش، يېڭىلاش ۋە باھا بېرىش خاتىرىڭىزگە ئاساسەن سىزنى قىزىقىدۇ دەپ قارىغان ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلىمىز. تېخىمۇ مول مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن، ئۈسكۈنىڭىزدىكى ئەپ قوزغىتىش، ئورنىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكا ئۇچۇرىنى ئىشلىتىمىز.
3. بالىلارنى قوغداش
بۇ ئەپنى پەقەت قۇرامىغا يەتكەنلەرلا ئىشلىتىدۇ. ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ھامىيىڭىز بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى لازىم. ئاتا-ئانا ۋە ھامىيلار مۇۋاپىق قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىشى، ھەمدە ئەپ ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
4. ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىش
"ئەپ بازىرى"نى ئىشلەتكەندە ھاسىل بولغان بىر قىسىم شەخسىي ئۇچۇرغا تەۋە بولمىغان ئۇچۇرلارنى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار، چۈنكى ئۇلار بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش نەتىجىسىنى باھالاپ، نەشر ھوقۇقى بېجى ۋە ھېسابات قىلىشنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندايدۇ، ھەمدە ئەپ ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلايدۇ.
5. مەلۇماتىڭىزنى باشقۇرۇش
"خۇاۋېي ئەپ بازىرى">"مېنىڭ"نى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرسىڭىز، ئۆزگەرتسىڭىز ياكى ئۆچۈرسىڭىز، ۋە ياكى شەخسىي ئۇچۇر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قوشۇلۇشىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئۇچۇر ھوقۇقىغا ئالاقىدار ھەر قانداق تەلەپ ياكى گۇمان، تەكلىپ ياكى پىكىرىڭىز بولسا، مەزكۇر باياناتتىكى "بىز بىلەن ئالاقىلىشىش"تىكى ئۇسۇل ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ھەم ئالاقىدار ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.
6. مەلۇمات ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى
بۇيرۇتما ئۇچۇرىڭىز خۇاۋېي ھېساباتىڭىزغا تىزىملاتقان ئورۇندىكى مۇلازىمىتېردا ساقلىنىدۇ، شۇڭا دۆلەت/رايون ئالماشتۇرۇپ ئوخشىمىغان مۇلازىمەت ئورنى تاللىسىڭىزمۇ سىز ئىلگىرى سېتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزىڭىزگە تەۋە ئەپ ياكى ئەپ ئىچىدىكى تاۋارلارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدىكى يۇقىرىقى مەلۇماتلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى مۇلازىمىتېرغا يوللىنىپ ساقلىنىدۇ.
بۇ باياناتتىكى مەقسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ۋاقىت ئىچىدە سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايمىز ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز. قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ باشقا تەلىپى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، مەشغۇلات سىستېمىڭىزنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، ئەپنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرى، قاچىلانغان ئەپ تىزىمىلىكى، بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىز، سوۋغات ئالماشتۇرۇش كودى، ئېتىبار بېلەت، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، باھا ۋە مۇنبەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار، مەسىلە ۋە تەكلىپ، بۇيرۇتما خاتىرىسى، ياقتۇرۇش تىزىملىكى ئۇچۇرى قاتارلىقلارنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى 2 يىل.
IP ئادرېسىڭىز، تورغا ئۇلىنىش ئۇسۇلى ۋە تۈرى، يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى ۋە "ئەپ بازىرى"نى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك قىسمەن ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى 7 كۈن.
بۇيرۇتمىڭىزنىڭ ئۇچۇرى 7 يىل ساقلىنىدۇ، ھەمدە سىز قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزدە تىجارەتتىن توختاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا سىزگە ئۇقتۇرىمىز، ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى ئىمزاسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
7. بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس ئورنى (ياكى شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس خادىمى) تەسىس قىلدۇق، https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questionsنى زىيارەت قىلىپ ئالاقىلىشىڭ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.
جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تەۋەلىكتىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش، سودا باشقۇرۇش جەمئىيىتى ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاقىدار ئەرز قىلىش يولىنى بىزدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
خۇاۋېي ئىزچىل بىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزگە بويسۇنۇپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-policyنى كۆرۈڭ.